خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «تەسىر مەھبۇسلىرى» نى دەرھال قويۇپ بەرسۇن!

مۇراجەتنامىگە بۇ يەرنى بېسىپ ئىمزا قويۇڭ

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى، change.org تا ئېلان قىلغان ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇراجىئەتنامىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «يىغىۋېلىش لاگېر» لىرىغا قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 10% (2010-يىللىق خىتاي نوپۇس ستاتىستىكىسى ) گە توغرا كېلىدىغان بىر مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىغا ئوخشاش خاراكتېردىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە ئېلىش مەركىزى» لەرگە قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىگە چاقىسىز قالغان بالىلىرىنى دارىلئېتاملارغا يوللاۋاتىدۇ. (http://chn.ge/2CAIJFR ، http://chn.ge/2Dw8YAU  ).

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى لاگېرلارنى ئۈزلۈكسىز قۇرۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئۈلگۈرمەيۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ھەتتا بەزى رايونلاردا مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى لاگېرلارغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى، بولۇپمۇ يېڭىدىن تەيىنلىگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشى بىلەن تېخىمۇ ئەشەددىيلەشتى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن بولۇپ، (تەپسىلىي مىساللار بۇ ئۇلىنىشتا، http://freedomsherald.org/ET/unb /) ئاساسلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشنى نۇقتىلىق ۋە مەقسەتلىك يۈرگۈزمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلار بولسا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئىلمى خادىملاردىن تارتىپ، جەمئىيەتتىكى شەخسى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگىچە ھەر قاتلام ھەر ساھەدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ۋىجدان مەھبۇسلىرىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى بەلگىلىك تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپلا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى، بۇ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىكى سەۋەبىگە ئاساسەن «تەسىر مەھبۇسلىرى» دەپ ئىزاھات بەردۇق. بۇنىڭدىن باشقا چەتئەللەردە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەھبۇسقا ئايلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزدۇق.

شەرقى تۈركىستاندا تەسىر مەھبۇسلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. تېخى يېقىندا تەسىر مەھبۇسىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلساق، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى، Dr. خالمۇرات غوپۇر، «دۇتار شاھى» ئابدۇرەھىم ھېيت، «قۇرئان كەرىم» نى تۇنجى بولۇپ زامانىۋى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، 82 ياشقا كىرىپمۇ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆلگەن دىننى ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ، مىسىردا ئوقۇغان Dr. ھەبىبۇللا توختى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمى ئاتالمىغان، ئىقتىسادى تەسىرىدىن تۈرمىگە تاشلانغان قەشقەردىكى تورت سودىگەرنىمۇ بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتەلەيمىز. زور كۆپچىلىك تەسىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېتىپ جازالاش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە خەلقئاراغا ئاڭلىتىشقا ھازىرچە ئامالسىزمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر مەھبۇسلىرىغا ئارتقان جىنايەتلىرى ۋە ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى بۇ (http://freedomsherald.org/ET/unb ) ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز. MartéÉnnalis ۋە خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىنىڭ ساھىبى، ۋىجدان مەھبۇسى پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بۇ توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، تەسىر مەھبۇسلىرىغا ئارتىلغان جىنايەت ۋە باشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئەنسىرەپ سۈكۈت قىلىشى سەۋەبىدىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ بىلىشىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. بۇ سۈكۈتلەر ئۆز نۆۋىتىدە مەيلى شەرقى تۈركىستاندا بولسۇن ۋە ياكى چەت’ئەللەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى ئەمىلى مىساللار بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلىشىغا چوڭ توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى، يېقىندا ۋەتەندىن چىققان كىشىلەردىن تەسىر مەھبۇسلىرىغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئەمىلى مەلۇماتلارنى يىغىشقا مۇۋەققەت بولدۇق. ئەمما، بىز بۇ تەسىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلاشتىن ساقلاندۇق. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىشقا تايانغان كونكرېت چارە-تەدبىرلىرىنى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قىسىم ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدۇق. بۇنىڭدىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ قانداق ئۇسۇللاردا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئايرودروم خىزمەتچىلىرىگە «تۇتقۇن قىلىش ۋاقىت جەدۋىلى» ۋە «ئىزدەپ تېپىش جەدۋىلى» تارقاتقان. رايون دەرىجىلىك كادىرلاردىن تارتىپ يېزا كەنت باشلىقلىرىغىچە ۋاقىپلاندۇرۇلغان بۇ جەدۋەللەردە بولسا، ئەگەر يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئارخىپىغا «جىنايەت گۇماندارى» دەپ يېزىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇر سوت ھۆكۈمىدىن مۇستەسنا ھالدا نەق مەيداندا 3 يىلدىن 7 يىلغىچە؛ 7 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋە 10 يىلدىن يۇقىرى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ كېسىم ئېلان قىلىپ بىۋاسىتە تۈرمىگە يوللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر كۆرسەتمىلەر بار ئىكەن. «جىنايەت گۇماندارى» غا ئارتىلىۋاتقان جىنايەت تۈرلىرى بولسا جىنايى ئىشلار بىلەن پەقەتلا ئالاقىسى بولمىغان، مەسىلەن، خىتاي قوشنىسى بىلەن سۈركىلىش بولۇپ قالسا «ھۆكۈمەتكە نارازى»؛ مىللىتىنى كۈيلەپ شېئىر يېزىپ قويسا «مىللىي ئاڭ-ساپاسى كۈچلۈك»؛ ناماز ئوقۇغان ياكى ساقىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىپ قالسا «دىنغا مايىل»؛ خىتاي باشلىقىغا خىتايچە، ئۇيغۇر باشلىقىغا ئۇيغۇرچە سۆزلىسە «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك بولغان. بولۇپمۇ يانفونىدىن تېپىلغان مەزمۇنلارغا قارتا كونكرېت جىنايەت ئارتىش ئۇيغۇرلارنى قاماققا ئېلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالغان، ۋە شۇ سەۋەبتىن، دۇنيا زېرەكفون(smartphone) غا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى قوللىمايدىغان كونا تىپتىكى تېلېفونلار بازار تاپقان.

ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن جىنايەت تۈرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەت-ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىچە كېڭەيتكەن. 2016- يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلىرىغا، چەت-ئەللەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ياكى ئۆزلىرى تۈرمىگە سولاش بىلەن تەھدىت سېلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ قايتىپ كېتىشىگە مەجبۇر قىلغان. قايتىشقا مەجبۇر قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار چېگرادىن كىرگەن ھامان تاموژنىدىلا قولغا ئېلىنىپ، زور كۆپچىلىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى جەدۋەلگە ئاساسەن، نەق مەيداندىلا 3 يىلدىن 7 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىپ بىۋاسىتە تۈرمىگە يوللانغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈرمىلەردە سەۋەبسىز جان ئۈزگەن (http://www.rfa.org/english/news/Uyghur/students-12212017141002.html ).

تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەرلىكنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. يىگىرمە ياشلىق بەختىيار 2016-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ يازلىق تەتىلنى قەشقەر (3000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر) دىكى ئاتا ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان. بەختىيار قەشقەردىكى ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ 500 يۈەن(80$) تۆلەپ ئەقلى تېلېفونىنى «تازىلاش» مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان. ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى ھۆكمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ، قەشقەردە بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۆلچەمگە لايىق تېلېفون قىلىپ قولىغا بەرگەن. ئەمما بەختىيار قەشقەر ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئۈرۈمچى ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، دەرھال 30،000 يۈەن (5000$) جەرىمانە تەييارلاش كېرەكلىكىنى، بولمىغاندا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ساقچىلار سورىغان پۇلنى تەييارلاپ بارغان ئاتا-ئانىسى بولسا، بەختىيارنى ئورنى نامەلۇم بىر تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. بەختىيار مۇشۇنداقلا غايىب بولغان. بىزگە بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن كىشىدىن يەنە شۇ ئېنىق بولدىكى، تېلېفونىدىن ھەرقانداق بىر چەكلەن’گېن مەزمۇن بايقالغان كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بەختىيارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن چەكلەنگەن ئۇچۇر بولسا تۈركىيە پرېزىدېنتى Rejep Tayip Erdughan نىڭ سۈرىتى بولغان، ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىز شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن چىققان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ چېنىقتۇرغان ساغلام بەدىنى ۋە مۇسكۇللىرى بىلەن «چېنىقىش ترېنېرى» دېگەن نامى بار ئىدى. ئۇ پەقەت بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مۇسكۇل چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى پەقەت ياشلار ئارىسىدىكى تەسىرى ئۈچۈنلا خەتەرلىك ۋە گۇمان ئوبيېكتى قاتارىغا چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسىغا بەرگەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مىساللار بىزگە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئازراقلا، تەسىرى بار ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئاسان جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشىدا يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى Rex Tillersonئېيتىپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا قانۇنلۇق دىنى ئېتىقاد ھوقۇقلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇرماقتا . ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى مەلۇمات دوكلاتىغا ئاساسلانغان ھالدا، Rex Tillerson يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ھوقۇقى ، پائالىيەت قىلىش، تەشكىل ھاسىل قىلىش ۋە يىغىلىپ ھەرىكەت قىلىشتەك ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بىز مەش’ئەل گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىتاب قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مىڭلىغان تەسىرى مەھبۇسلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا دەستەك بولماسلىقى كېرەك. بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتلىق ئىقتىسادى نەپ ئۈچۈن ئاجىزلار زۇلۇمغا ئۇچۇرغاندا شۇنىڭغا قارشى سۆز قىلىش ھوقۇقۇڭلارنى ساتماڭلار! ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا سۈكۈت قىلماڭلار! بۈگۈن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتە شۇ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن دۆلەت ۋە خەلقلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەلمەيمىز، شۇ سەۋەبتىن ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىنى قوغداش دەپ بىلىڭلار! سۈكۈت قىلماڭ! ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋازى بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت!

Advertisements
This entry was posted in Uncategorized. Bookmark the permalink.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s